-
2011-02-02
murajat
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار :
يۇكسەل blogbus.com" target="_blank">بىلوگىنىڭ ياردىمىدە قان پىلازمىسى توغرىسىدىكى مۇراجەتنەمە كۆپلىگەن قېرىنداشلارنىڭ دېققىتىنى قوزغىدى ،نۇرغۇن دوستلار تىلغۇن ئارقىلىق ئەھۋا سورىدى، بەزىلار قان پىلازمىسىنى تەقدىم قىلماقچى بولدى، بەزىلەر اللە دىن ئىنىمنىڭ كېسىلىگە شىپالىق تىلەپ ،ئىنىمغا مەدەت بەردى، يەنە بەزى قېرىنداشلار ياخشى مەسلىھەت كۆرسەتتى . مۇشۇنداق تېلغۇندا ئالاقىلىشىپ ئەھۋال سورىغان ،ياكى دىلىدا اللە دىن ئىنىمنىڭ كېسىلىگە شىپالىق تىلىگەن قېرىنداشلارغا چىن دىلىمدىن تەشەككۇر بىلدۇرىمەن، ئامان بۇلۇڭلار .
بەزىلەر بۇ راسمىدۇ ؟دەپ ئەجەپلىنىپ تىلفۇن قىلغانلارمۇ بولدى ، ئەلۋەتتە بۇ راست ، مەن راست بولماسلىقنى تىلىگەن،قۇبۇل قىلالمايۋاتقان ھەقىقەت ، تىلفۇندا تارتقان بەزى سۆرئەتلەرنى قېرىنغاشلارغا يوللاپ قويدۇم.


بۇ سۆرئەتلەردىكى 白细胞,红细胞ۋە 血小板 لەرگە دېققەت قىلىپ قۇيۇڭلار ،بۇلۇپمۇ血小板 قىممىتى ۋە پايدىلىنىش قىممىتىگە دېققەت قىلىپ بېقىڭلار ، 血小板 نىڭ شۇنچىلىك تۆۋەن بۇلىشى ،بىزنىڭ قان ھەققىدىكى مۇراجەتنامە يىزىشىمىزنىڭ سەۋەبى .
بۇ شىنجاڭ تىببى ئونۋېرسىتىدىكى يىلىك تەكشۇرۇش نەتىنجىسى. جىددى خارەكتىرلىق ئاق قان كېسىلى (قان راكى) دەپ دىئاگۇنىز قۇيۇلدى . ئۇنىمى قانداق بۇلىدۇ ؟! ھەممىسى ئىنىمنىڭ تەقدىر پىشانىسىدىكى ئىش ...
ئىنىمگە باشقىلار قان پىلازمىسى ھەقسىز تەقدىم قىلسا،قان ئىسكىلاىدىن ھەقسىز بىرەمدۇ؟؟ ، ياق ،مۇشۇ قان پىلازمىسىنى 1400 يۇەنگە سېتۋالىمىز ، چۇنكى قان پىلازمىسىنىڭ بەدەن سىرتىدىكى ساقلىنىش ۋاقتى 6كۇندىن 8 كۇنگىچە ، قان ئىسكىلاتىدا 血站 دە پەقەت 2 كۇنلا ساقلايدىكەن، شۇڭا قان پىلازمىسى شۇنداق كەمچىلكەن ، ئىنىمنىڭ قېنىدىكى 血小板 نىڭ تۆۋەن بۇلىشى سەۋەبىدىن ،ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش ئۇچۇن مۇشۇ مۇراجەتنەمىنى چىقارغان .دوستلارنىڭ ياردەم قىلىشنى ئۇمىت قىلىمەن .
كىشىلەر قان پىلازمىسى تەقدىم قىلغاندا ، ئامرىكىدىن ئىمپورت قىلغان بىر ئۇسكىنىدىن پايدىلىنىپ ،قاندىن قان پىلازمىسىنى ئارىۋالىدىكەن، ھەرگىز بەدەندىكى ئۇزۇقلۇق ماددا 血浆ياكى 红细胞 لارنى ئالمايدىكەن ، قان پىلازمىسى بەدەندە 10كۇندىن 12 كۇنگىچە پۇتۇنلەي ئەسلىگە كىلەلەيدىكەن ، ئايدا بىر قېتىم قان پىلازمىسى تەقدىم قىلالايدىكەن . ئىشىنەمسىزكىن ~مۇۋاپىق قان تەقدىم قىلىش بەدەنگە پايدىلىق ..
بەزى قېرىنداشلار سىلەرگە ئىقتىساد كېرەك ئەمەسما؟! بانكا كارىڭىزنىڭ نۇمىرىنى بىزگە يوللاپ بېرىڭە دېگەنلەرمۇ بولدى ، ئەلۋەتتە بەك ئېھتىياجلىق بۇلۋاتىدۇ ، بەزى كۇنلىرى 16 مىڭ 17 مىڭ يۇەنلىك داۋالىنىش راسخوتى كىتىۋاتىدۇ ، خېمىيلىك داۋالاش دورىللىرى بەكلا قىممەتكەن رەسىمگە بەلگە سېلىپ قويدۇم،كۇرۇپ بېقىڭلار ، 1- باسقۇچلۇق خېمىيىلىك داۋالاش تېخى تۇگمىدى 58مىڭ يۇەن تاپشۇرۇپ بولدۇق، يەنە يىتىشمىدى ... ئاكام پۇلنىڭ غېمىنى قىلغىلى يۇرۇتقا كەتكەن ، تۇرۋاتقان ئۆينى ساتىمەن دىسە تۇزۇكرەك پۇلغا يارىمايۋاتىدۇ ، دوختۇر ئەگەر يىلىك كۇچۇرۇش ئوپرەتىيىسى قىلغۇزماقچى بولساڭلار ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ 500 مىڭ يۇەن تەييارلاپ قۇيۇڭلار دەيدۇ ...ھەي ~~ قانداقمۇ قىلامىزكىن ...
قېرىنداشلارنىڭ ياردەم قىلىشىنى ئۇتىنىمەن .
كارتا نۇمىرىنى چىقىرىپ قۇياي ، كارتا نۇمىرى 6222023014003065962 工商银行
ئىسمى 阿布都热合曼.依明
-
2011-02-02
murajat
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار :
يۇكسەل بىلوگىنىڭ ياردىمىدە قان پىلازمىسى توغرىسىدىكى مۇراجەتنەمە كۆپلىگەن قېرىنداشلارنىڭ دېققىتىنى قوزغىدى ،نۇرغۇن دوستلار تىلغۇن ئارقىلىق ئەھۋا سورىدى، بەزىلار قان پىلازمىسىنى تەقدىم قىلماقچى بولدى، بەزىلەر ... -
2011-01-22
تور بانكا كەسپىدە U盾نى ئىشلىتىش ئۇسۇلى

ئەسلىدىكى كارتا نومۇرى بىلەن يەنە توردىكى مەخپىي نومۇرىنى قوغداش ئۈچۈن ئادەتتە ئىككى خىل ئوسۇل قوللىنىلىدۇ.بىرىنچىسى مەخپىي نومۇر كارتىسى ئىشلىتىش .ئىككىنچىسى U盾(ئۇ قالقان).
ئالدى بىلەن بۇنىڭ ئەھمىيىتى ۋە پايدىلىق تەرىپىنى U盾ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى سۆزلەپ ئۆتەي (بۇ يەردە مېنىڭ ئىشلىتىۋاتقىنىم سودا سانائەت بانكىسىنىڭ بولغاچقا سودا سانائەت بانكىسىنىڭ U盾بېجىرىش، ئىشلىتىش ئوسۇلى سۆزلىنىدۇ).
-
2011-01-18
千千静听نىڭ يېڭىچە تېرىسى
بۇ مۇ خېلى چىرايلىق 千千静听نىڭ يېڭىچە تېرىسىكەن ،بىكارچىلىقتا يوللاپ قويدۇم ياقتۇرساڭلار ئىشلىتىپ كۆرسەڭلار بۇلىدۇ

-
2011-01-16
ئۇيغۇرچە ۋاقىت ئۇيغۇر روھىنىڭ ئەينىكىمۇ؟
ۋاقىتتىن ئىبارەت ئۇقۇممۇ شۇنداق، جەميەتنىڭ ئەڭ كىچىك يادروسى بولغان ئادەمدىن تارتىپ، مەلۇم مەدىنيەت، ھىسىيات بىرلىككە ئىگە مىللەتكىچە ۋاقىتتىن ئىبارەت ئۇبۇكتىنى تۇنۇش ئوخشاش بولمايدۇ. تۇنۇشتىكى پەرىق ۋاقىتنى ئىسىتىمال قىلىشتىكى پەرىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇ سەۋەپتىن ۋاقىت ئېقىمىنىڭ ئوخشاش بىر نوقتىسىدا ياشاۋاتقان ئوخشاشمىغىن مىللەتنىڭ تۇرغان نوقتىسى ئوخشاش بولسىمۇ، ئىستىمال قىلىۋاتقان ۋاقىتنىڭ قىممىتى ئوخشاش بولمايدۇ.
بۇ خىل پەرىق تۈپەيلىدىن بەزى كىشلەر، بەزى مىللەتلەرنىڭ جىسمى ھازىرقى دەۋىردە بولسىمۇ، روھى ۋە قازانغان ئۇتۇقلىرى تەرەققى قىلغان مىللەتلەرنىڭ نەچچە يۈز يىل ئىلگىركى ھالىتىدە تۇرغان بۇلۇدۇ. بەزى مىللەتلەردە ۋاقىتنىڭ رېتىمى تىز، بەزىلىرىدە ئاستا بۇلۇدۇ. -
2011-01-14
پىسخىكىمىزدىكى يېڭى كېسەل – سۆرەلمىلىك
سۆرەلمىلىك ئەسلى ئادەمنىڭ خارەكتىرىدىكى بىر خىل ئېزلەڭگۈلۈك،مىس-مىسلىق ،ئەزمىلىك ئالامەتلىرى بولۇپ،بۇنداقلارنى ئادەتتە تىلىمىزدا 《سۆرەلمە پالاس》 دەپ ئاتايتۇق.لىكىن ھازىر بولسا سۆرەلمىلىك ئادەتتىكى بىر خارەكتىر ئالامىتىدىن ھالقىپ، پىسخىكىدىكى ئېغىر كېسەللىكلەر قاتارىغا كىرگەن. ھەمدە پىسخولوگىيەدە ۋەزىپىنى ۋاقتىدا ئورۇنلىيالماسلىق، قىلماقچى بولغان ئىشنى توختىماستىن كەينىگە سۆرەش سۆرەلمىلىك كېسىلى دەپ ئاتالغان. بۇ كېسەللىكنىڭ دۇنيا مىقياسىدا ئەۋج ئېلىشىغا ئەگىشىپ ئۇيغۇر تۇرمۇشىغىمۇ ئاستا-ئاستا سىڭىپ كىرمەكتە.كونىلىرىمىزدا <<بۈگۈنكى ئىشنى ئەتىگە قويما>>دەيدىغان گەپ بار. ھەكۈننىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق ئىشلىرى بولىدۇ.بۈگۈننىڭ ئىشلىرىنى تۈگەتمەي تۇرۇپ ئەتىگە ئۇلاشساق،ئەتىنىڭ ئىشى يەنە ئۆگۈنگە قالسا،ھەركۈنى قىلىپ بولالمىغان ئىشنىڭ ئەندىشىسىدە ياشىساق،بۇ ھاياتىمىزدا بىرەر كۈن بولسىمۇ ئەركىن-ئازادىچىلىك نىسىپ بولارمۇ ؟
-
2011-01-13
رەسىمگە تەدىرىجى كۇرۇندىغان ئۇنۇم قۇشۇش كودى
-
2011-01-12
ئىلىكتىرونلۇق كىتاپلار توپلانما خاتىرسى

تور تېخنىكىشىنىڭ تەرەقىياتىغا ئەگشىپ ئويغۇرلارنىڭ ئىسىل ئەسەرلىرى ئىلىكتىرونلۇق كىتاپ ھالىتىدە ساقلىنىدىغان ،ئوز ئارا پايدىلىندىغان . ئەرزان ، قولايلىق ،ھەتتا ھەقسىز تارقىتىلدىغان ھالەت مەۋجۇتقا كەلدى ، بىلقۇت قاتارلىق چوڭ تىپتىكى تور بەتلەت ئەسەرلەرنى ئاۋازلىق ئەسەرلەرنى تارقىتىدىغان ۋەزىيەتتە ،ئويغۇرلارنى بەزى بىلوگلىرى ئىلكىتاپلارنى بىلوگىدا ئېلان قىلۋاتىدۇ ، مەن بىلوگنىڭ قولايلىق تەرەپلىرىدىن پايدىلىنىپ ،دوسلارغا ئانچە مۇنچە بولسىمۇ ، بۇ ئەسەرلەرنى يىغىپ قويدۇم ...










